• 19 - نومۇرلۇق

    )«قانۇنسىز ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇنلاردىكى يارىلانغان، ئۆلگەنلەرگە بىرلا قېتىم تۆلەم بېرىش چارىسى» 2003 - يىل 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ 5 - قېتىملىق مىنىستىرلىق ئىشلىرى يىغىنىدا ماقۇللاندى

    1 - ماددا بۇ چارە «ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى نىزامى» نىڭ 63 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقىدا بېرىلگەن ھوقۇققا ئاساسەن تۈزۈلدى.
    2 - ماددا بۇ بەلگىلىمىدە ئېيتىلغان قانۇنسىز ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇنلاردىكى يارىلانغان، ئۆلگەنلەر تىجارەت گۇۋاھنامىسى يوق ياكى قانۇن بويىچە تىزىمغا ئالدۇرمىغان، ئەنگە ئالدۇرمىغان ئورۇن، شۇنىڭدەك تىجارەت گۇۋاھنامىسى قانۇن بويىچە بىكار قىلىنغان ياكى تىزىملاش، ئەنگە ئېلىش بىكار قىلىنغان ئورۇننىڭ ھادىسىگە ئۇچراپ يارىلانغان ياكى كەسپىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنى ياكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بالا ئىشچى ئىشلىتىش تۈپەيلىدىن مېيىپ بولغان، ئۆلۈپ كەتكەن بالا ئىشچىلارنى كۆرسىتىدۇ.
    ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ئورۇنلار مېيىپ بولغان  ئىشچى - خىزمەتچىلەر ياكى ئۆلۈپ كەتكەن ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ بىۋاسىتە تۇغقانلىرىغا، مېيىپ بولغان بالا ئىشچى ياكى ئۆلۈپ كەتكەن بالا ئىشچىنىڭ بىۋاسىتە تۇغقانلىرىغا بۇ چارىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بىرلا قېتىم تۆلەم بېرىشى شەرت

    خەتكۈچ:
  • بىرقانچە يىلدىن بۇيان ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە توختىماي ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەۋاتىدۇ، ھەم ھەريىلى ھەربىر ناھىيە يېزىلارغا سان بەلگىلەپ شۇرايۇننىڭ مۇھىم خىزمتىنىڭ بىرقىسىمى قىلىپ، يىللىق باھالاشنىڭ مۇھىم ھالقىسى قىلىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا ھۆكۈمەت نىمە ئۈچۈن شۇنچە كۈچەيدۇ؟

    بىزگە تەشۋىق قىلغاندا مىللىيلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ ، ئازسانلىق مىللەت بۇلۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقدىسادى ئەھۋالىنى ياخشىلايمىز دەپ تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ. بىراق نىمەئۈچۈن مەجبۇرلايدۇ؟ بىزنى مەجبۇرىي ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ ئىقدىسادىي ئەھۋالىمىزنى ياخشىلىماقچى بولسا، نىمە ئۈچۈن مىللىي تىرتوريىلىك ئاپتۇنۇمىيە قانۇنىنىڭ 22-23-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە ، ئاساسىي قانۇن ، ئەمگەك قانۇنى ۋە ئەمگەك توختام قانۇنىدىكى ھەرقايسى مىللەت پۇقرالىرى ئىشقا ئورۇنلىشىشتا باراۋە بۇلىدۇ، كەمسىتىشكە بولمايدۇ، دىگەندەك قانۇن ئاساسلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزرايۇنىمىزغا مەجبۇرىي ئورۇنلاشتۇرالمايدۇ.

    خەتكۈچ:

  • سۇئال: مەن بىر دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرى، بۇيىل 2-ئايدا ئوپراتسىيە جەريانىدا كۆزۈمگە ئوپراتسىيە تىغى تىگىپ كىتىپ يارلاندىم،بۇئىش ئۈستىدە يارلىنىشقا كىرەمدۇ؟  بۇنى سۇغۇرتا ئىدارىسىگە يوللىغان لىكىن ھازىرغىچە ھېچقانداق جاۋاپ بەرمىدى، كونكىرىتنى مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز.

    خەتكۈچ:
  • بۇيىل جەنۇبىي ئاۋئاتسىيەگە  مەملىكەت دائىرىسىدە 400نەپەر ئاۋئاتسىيە خانقىزلىرى قۇبۇل قىلىنىدىكەن، ئۈرۈمچىدىكى تاللاش 7-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

    مۇخبىرنىڭ تۆنۈگۈن جەنۇبىي ئاۋئاتسىيە دىن ئېگىلىشچە ، بۇقېتىمقى ئاۋئاتسىيە خانقىزلىرىنى قۇبۇل قىلىش ئاشكارە تاللاش ۋە تىلىۋېزۇردا تاللاش شەكلى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇلۇپ،ئايىرىم ئايرىم ئۈرۈمچى، ۋۇخەن، چاڭشا، شېنياڭ ۋە گۇۋاڭجۇ قاتارلىق بەش مۇسابىقە رايۇنى تەسەسىس قىلىنىدىكەن.

    خەتكۈچ:
  • ﺋﻪﻗﯩﺪە  -  ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد  ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە  ﮔﻪپ  ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا،  ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪن  ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ  ﺋﯧﯖﯩﻐﺎ  دﯨﻨﯩﻲ  ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد  ﻛﯧﻠﯩﺪۇ.  ﺑﯩﺰ  ﺑﯘ  ﻳﻪردە  ﻛﯚزدە  ﺗﯘﺗﯘۋاﺗﻘﺎن  ﺋﻪﻗﯩﺪە  -  ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد  ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﮔﻪ  ﮬﻪرﻗﺎﭼﺎن  ﮬﻪﻣﺮاھ  ﺑﻮﻟﻐﺎن،  ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﻰ  ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ  ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻜﻪ،  ﺳﺎداﻗﻪﺗﻜﻪ،  ۋاﭘﺎدارﻟﯩﻘﻘﺎ،  ﭘﯩﺪاﻛﺎرﻟﯩﻘﻘﺎ  ﺋﯜﻧﺪەﻳﺪﯨﻐﺎن  ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ  ﻳﺎﺷﺎش  ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﺪﯨﻦ  ﺋﯩﺒﺎرەت.  ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ  روﺷﻪﻧﻜﻰ،  ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق  ﺑﯩﺮ  ﺋﺎدەﻣﺪە  ﻏﺎﻳﻪ  ۋە  ﻣﻪﻗﺴﻪت  ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.  ﺋﻪﮔﻪر  ﺋﯘﻧﺪاق  ﻏﺎﻳﻪ  ۋە  ﻣﻪﻗﺴﻪت  ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ  ﭼﯩﻦ،  ﭘﺎك،  ﺋﺎﻟﯩﻴﺠﺎﻧﺎب  ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎن  ﺑﻮﻟﺴﺎ،  ﺋﯘ  ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ  ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ  ﻏﺎﻳﯩﯟى  ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﯩﺸﻠﯩﺮى  ﺑﯩﻠﻪن  ﺑﯩﺮ  ﮔﻪۋدە  ﮬﺎﺳﯩﻞ  ﻗﯩﻠﯩﺪۇ.  ﻣﺎﻧﺎ  ﺷﯘ  ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ  ﮔﻪۋدە  ﺋﯩﭽﯩﺪە  ﺋﻮﻣﯘﻣﻨﯩﯔ  ﻏﺎﻳﯩﺴﻰ  ﺋﯜﭼﯜن  ﺑﻮﻟﻐﺎن  ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ  ۋە  ﭘﯩﺪاﻛﺎرﻟﯩﻘﻨﯩﯔ  ﺋﯚزى  ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ  ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﻨﻰ  ﮬﺎﺳﯩﻞ  ﻗﯩﻠﯩﺪۇ.  ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق  ﺑﯩﺮ  ﻧﻮرﻣﺎل  ﺋﺎدەﻣﺪە  ۋەﺗﻪن  ۋە  ﺧﻪﻟﻖ  ﺳﯚﻳﮕﯜﺳﻰ  ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.  ۋەﺗﻪن،  ﺧﻪﻟﻖ  ﺋﯜﭼﯜن  ﺋﯚزﯨﻨﻰ  ﭘﯩﺪا  ﻗﯩﻠﯩﺶ  روﮬﻰ  ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.  ﻣﺎﻧﺎ  ﺑﯘﻣﯘ  ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﻨﯩﯔ  ﻛﯜچ  -  ﻗﯘدرﯨﺘﻰ.  ﺋﺎددﯨﻴﺴﻰ،  دوﺳﺘﻠﯘق،  ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻤﯘ  ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﺴﯩﺰ  ﻣﯘﺳﺘﻪﮬﻜﻪم  ﺋﺎﺳﺎﺳﻘﺎ  ﺋﯩﮕﻪ  ﺑﻮلاﻟﻤﺎﻳﺪۇ.  ﺋﻪﻗﯩﺪە  -  ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد  ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ  ﻗﯘرۇﻟﻤﯩﻐﺎن  دوﺳﺘﻠﯘق  ۋە  ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت  ﺳﺎﺧﺘﯩﻠﯩﻘﺘﯘر

    خەتكۈچ:
  •  يىغىندا يېڭىچە يېزا ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىدە جەمئىيەت بىر تۇتاش غەملەش بىلەن شەخسىي ھېساباتنى بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئاساسىي ئەندىزە،  شەخسلەر ھەق تاپشۇرۇش، كوللېكتىپ ياردەم بېرىش، ھۆكۈمەت تولۇقلىما بېرىش ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈلگەن غەملەش شەكلىنى قوللىنىش  بېكىتىلدى. 16 ياشقا توشقان، مەكتەپتە ئوقۇمايدىغان ، شەھەر، بازارلاردىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى  يېڭىچە يېزا ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشسا بولىدۇ. 60 ياشقا توشقان، ئالاقىدار شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلگەن سۇغۇرتىلانغۇچى دېھقان ئاساسىي كۈتۈنۈش  پۇلى ئالسا بولىدۇ

    خەتكۈچ:
  •  دوستلۇق  ھاياتتىكى ئەڭ زۆرۈر نەرسە. گەرچە ئىنساننىڭ ئۆمرى راھەت – پاراغەتتە ئۆتمىسىمۇ ھېچكىم ھاياتىنى دوستسىز ئۆتكۈزۈشنى خالىمايدۇ.

                          ئارەستو

    خەتكۈچ:
  • بىزدە ‹‹ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ بىلىش دانالىق››، ‹‹باشقىلارنى ھۆرمەتلەش – قەدىرلەش ئۆزىنى ھۆرمەتلىگەنلىك ۋە قەدىرلىگەنلىك›› دەيدىغان ئەقلىيىلەر ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ كەلمەكتە. بۇ مىللىتىمىزنىڭ ئېسىل ئەخلاق مىزانلىرىنىڭ مۇھىم بەلگىسى. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ھەر قايسىمىز ئۆمۈر مۇساپىسىدە ئەلگە ئېلىكىمەن، باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە، ھەمدەملىكىگە ئېرىشىپ، ھايات ئاسايىشلىقلىرىدىن بەھرىمەن بولىمەن، دەيدىكەنمىز، باشقىلارنى ھۆرمەتلەشكە، ئۇلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەشكە، باشقىلاردىن مىننەتدار بولۇشنى بىلىشكە ھەر ۋاقىت، ھەرجايدا ئەمەل قىلىشىمىز، ھېسسىي تۇيغۇمىز بويىچىلا باشقىلاردىن ئالدىراپ – تېنەپ ئاغرىنماسلىقىمىز،

    خەتكۈچ:
  •  ئۇلۇغ دەۋر، ئۇلۇغ ئىشلار تۈرلۈك كەسپلەردىكى ئىختىساسلىقلارغا موھتاج.  پەن – تېخنىكىغا تايىنىپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش، ئىختىساسلىقلارغا تايىنىپ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا، ئىختىساسلىقلار ئۈزلۈكسىز يېتىشىپ چىقىدىغان ئىجتىمائىي مۇھىت بولۇش، كېرەك. بىز ئىلمىي ئىختىساسلىقلار  قارىشى بويىچە پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشنى، ئىختىساسلىقلارنى ھەر خىل يوللار بىلەن يېتىشتۈرۈش ئۇسۇلىنىڭ پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ھەرىكىتىگە ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز

    خەتكۈچ:
  • شېرىك تىجارەت قىلسا، ئەڭ كۆپ بولغاندا 1 مىليون يۈەن قەرز ئالغىلى بولىدۇ، قەرز پۇل سۈرۈكى ئىككى يىل بولىدۇ

        مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايون يېقىندا ‹‹ئىگىلىك تىكلەشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز بېرىشنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش›› تارقاتقان بولۇپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن، ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملارنى پۈتكۈزگەنلەر ۋە يۇرتىغا قايتقان دېھقان ئىشلەمچىلەرمۇ بۇ دائىرىگە كىرىدىكەن

    خەتكۈچ:
  • ئالىي مەكتەپ بولسا، بىلىم ئالىدىغان، قوينى كەڭرى   ئاجايىپ بىر رەڭگا رەڭ دۇنيا. ئالىي مەكتەپ، پەقەت   ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىلا ئەمەس، شۇنىڭ بۇسۇغىسىدىن ئاتلاپ باقمىغانلارنىڭمۇ تەلپۈنىدىغان، شۇ يەردە ئوقۇشنى ئازۇ  قىلىدىغان، ئۆزىگە ئىنتىلدۇرىدىغان بىر دۇنيا...خىزمەت بولسا، ھەر بىر ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ياكى جان بېقىشنى ئارزۇ قىلغان ھەر قانداق بىر ئىنساننىڭ ئويلايدىغان ئىشى، ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر ياكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، بىرەر ئىش تېپىلىشىنى، خىزمەت تېپىلىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىدۇ، ئاتا ئانىلار شۇ پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، خىزمەت تېپىپ ئىشلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، ھەتتا شۇنىڭ ئۈچۈن غەم قىلىدۇ، يول ماڭىدۇ، پۇل سەرپ قىلىدۇ، ئىشقىلىپ، خىزمەت، ئىش تېپىش، بۇ ھازىرقى جەميىتىمىزدە، ھەر بىر ئاتا-ئانا، ئوقۇغۇچى ياكى ھەر قانداق بىر شەخسنىڭ ئەڭ ئاۋال  ئويلايدىغان، بېشىنى قاتۇرىدىغان مەسىلە بۇلۇپ قالدى. مەيلى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى  ئوقۇغۇچىلار بولسۇن ياكى ئائىلىسىنىڭ قىيىنچىلىقى سەۋەبلىك  ئوقۇيالماي باشقا ئىش قىلماقچى بولغانلار بولسۇن، ياكى سەنشىخاڭزىدىكى مەدىكارلار بولسۇن، ۋە ياكى مايلامچىلار

    خەتكۈچ:
  • 6 - باب قانۇنىي جاۋابكارلىق

    62 - مادداقۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنلاردىن بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئاگاھلاندۇرىدۇ، سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىگە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنى كەسپىي كېسەل خەۋپى پەيدا قىلىدىغان ئىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ ياكى ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمىتىگە گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە قۇرۇلۇشنى توختىتىش، تاقىۋېتىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىدۇ

    خەتكۈچ:
  • جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى

     

    2001 - يىل 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 2001 - يىل 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 60 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى.

    خەتكۈچ:
  • ‹‹ئۇقتۇرۇش››تا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جايلار يېزا ئەمگەكچىلىرىنى ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئايرىم ھالدا ئەمەلىي ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈش، ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئىگىلىك تىكلەش ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈشكە تەشكىللەپ، بۇ خىزمەتنىڭ قاراتمىلىقىنى ھەقىقىي تۈردە كۈچەيتىشى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. شەھەرلەرگە كىرىپ ئىشلەيدىغان يېزا ئەمگەكچىلىرى، يېزىلارغا قايتقان دېھقان ئىشلەمچىلەرنى 1 – ئايدىن 6 – ئايغىچە تەربىيىلەش كېرەك. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئىش ئورنى تەلىپى ۋە خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئىشلەۋاتقان دېھقان ئىشلەمچىلەرنى كۇرسلارغا قاتناشتۇرۇشى كېرەك. داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇيالمىغان، شەھەرگە كىرىپ ئىشلەش ئارزۇسى بار يېزىلىق تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئاساسلىقى تېخنىكوملاردا 6 – ئايدىن 12 – ئايغىچە تەربىيىلىنىدۇ. ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار ھەم ئىگىلىك تىكلەشتە مۇئەييەن شارائىت ھازىرلىغان يېزا ئەمگەكچىلىرى ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيىلىنىدۇ

    خەتكۈچ:
  •  خۇ جىنتاۋ مۇنداق دېدى: بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش بىلەن سىياسەتلەرنىڭ ئۆز ئارا باغلىنىشىنى كۈچەيتىپ، ھەر خىل ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى بىرىكتۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ھەر خىل ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مۇناسىۋىتىنى يۆتكەش چارىسىنى چىڭ تۇتۇپ بېكىتىپ ۋە يولغا قويۇپ، ئىجتىمائىي كاپالەت جامائەت مۇلازىمىتى باشقۇرۇش سۇپىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيىسى ۋە ھەر قايسى تەرەپنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىغا ئاساسەن، جامائەت مالىيىسىنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدىكى سېلىنمىنى كۈپەيتىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانىلاردىن دەم ئېلىشقا ۋە پېنسىيىگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سەۋىيىسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، شەھەر، بازارلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشىغا بېرىدىغان مالىيە ياردىمىنى داۋاملىق كۆپەيتىپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ۋە ئىشسىزلىق، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتا تەمىناتىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈپ، مەملىكەتنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت فوندىنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلاش ۋە زورايتىش كېرەك.

    خەتكۈچ:
  •   ئۈچ تارماق ئېلان قىلغان ‹‹ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇلىنىڭ ئاز پايدىلىق تۈرىگە بېرىلىدىغان ئۆسۈم ياردىمى نىسبىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››قا ئاساسەن، 2009 – يىلى 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ، ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇلى بەرگۈچى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇلى ئېلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان شەخسلەرگە يېڭىدىن بېرىدىغان ئاز پايدىلىق تۈر ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇلىدا مەركەز مالىيىسىدىن تولۇق ئۆسۈم ياردىمى بېرىلىدۇ (شەرقتىكى يەتتە ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، سۈرۈك مۇددىتىدە ئۆسۈم ياردىمى بېرىلمەيدۇ. ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنغان كۈندىن ئىلگىرى تارقىتىلغان، تېخى قايتۇرۇپ بولۇنمىغان قەرز پۇللىرىنىڭ ئۆسۈم بوغۇلغان قىسمى تەڭشەلمەيدۇ

    خەتكۈچ:
  •  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. مۇخبىرىمىزنىڭ 11 – ئىيۇن ئادەم كۈچى بايلىقى، ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكىدىن ئىگىلىگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئادەم كۈچى بايلىقى، ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكى 6 –،7 –، 8 – ئايدا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇپ، 8 –  ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبىتىنى% 80كە يەتكۈزۈشكە تىرىشىشنى تەلەپ قىلغان

    خەتكۈچ:
  •  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكى 11 – ئىيۇن مەملىكەتنىڭ 2008 – يىللىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى. 2008 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە مەملىكەت بويىچە شەھەر، بازارلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، شەھەر، بازارلارنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى، تۇغۇت سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار ئايرىم – ئايرىم 218 مىليون 910 مىڭ، 318 مىليون 220 مىڭ، 124 مىليون، 137 مىليون 870 مىڭ ۋە 92 مىليون 540 مىڭ كىشىگە يېتىپ، 2007 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن ئايرىم – ئايرىم 17 مىليون 540 مىڭ، 95 مىليون 110 مىڭ، 7 مىليون 550 مىڭ، 16 مىليون 140 مىڭ ۋە 14 مىليون 790 مىڭ كىشى كۆپەيگەن.

    خەتكۈچ:
  • بۇنىڭ ئىچىدە سەككىز كەسىپ 2007 – يىلى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىكى ئىشسىزلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولغان كەسىپ بولۇپ، بۇلار قانۇنشۇناسلىق، كومپيۇتېر ئىلمى ۋە تېخنىكىسى، ئىنگلىز تىلى، خەلقئارا ئىقتىساد ۋە سودا، سودا – سانائەت باشقۇرۇش، خەنزۇ تىل – ئەدەبىياتى، ئېلېكترونلۇق ئۇچۇر قۇرۇلۇشى، بوغالتىرلىق كەسپىدىن ئىبارەت. ئوقۇش پۈتكۈزۈپ يېرىم يىلدىن كېيىنمۇ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغانلار سانى ئەڭ كۆپ بولغان ئون مەخسۇس كۇرس، ئالىي تېخنىكوم كەسپىنى ئوقۇغان ئىشسىزلار 146 مىڭ 700 بولۇپ، مەخسۇس كۇرس، ئالىي تېخنىكوم كەسىپلىرىنى ئوقۇغان ئىشسىزلارنىڭ %34.2 ىنى ئىگىلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە يەتتە كەسىپ 2007 – يىلى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىكى ئىشسىزلار ئەڭ كۆپ بولغان كەسىپ بولۇپ، بۇلار كومپيۇتېر ئەمەلىي مەشغۇلات تېخنىكىسى، ماشىنا – ئېلېكترنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تېخنىكىسى، ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى، بوغالتىرلىقنى ماشىنىلاشتۇرۇش، ئەشيا ئوبوروتىنى باشقۇرۇش، كومپيۇتېر تور تېخنىكىسى، سودا ئىنگلىز تىلىدىن ئىبارەت

    خەتكۈچ:

  • جاۋاپ :تۇغۇت سۇغۇرتىسىنىڭ ئاساسلىق ئىبارىلىرى توۋەندىكىلەرنى ئوز ئىچىەە ئالدۇ :
    1. تۇغۇت دەم ئىلشى . بۇ ئايال ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ تۇغۇتتىن بۇرۇنقى ۋە كىيىنكى بىر مەزگىللىك دەم ئىىلشتىن بەھرىمەن بۇلۇدىغان ۋاقتىنى كورسىتىدۇ.تۇغۇت دەم ئىلىش ئاساسلىقى ئايال ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ تۇغۇت مەزگىلدە مۇۋاپىق دەم ئىلىش ئارقىىلق سالامەتلىكىنى ئاستا –ئاستا ئەسلىگە كەلتۇرشى،بوۋاقنىڭ ئوز ئانىسىنىڭ پەرۋىشى ۋە ئىمىتىشىدىن بەھرىمەن بولۇشى ئۇچۇن بىرىلگەن.ھازىرقى قانۇن بەلگىلمىدە نورمال تۇغۇت دەم ئىلشى 90كۇن بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە 15كۇن تۇغۇتتىن بۇرۇنقى دەم ئىلىش، 75كۇن بولسا تۇغۇتتىن كىيىنكى دەم ئىلىش ۋاقتىدۇر.ئەگەر تۇغۇلغان بوۋاق كوپ كىزەك بولسا،ھەر بىر بوۋاق ئۇچۇن 15كۇن تۇغۇت دەم ئىلشى ئۇزارتىلىپ بىرلىدۇ ھەمدە قىيىن تۇغۇت بولسىمۇ تۇغۇت دەم ئىلشى 15كۇن ئۇزارتىلىپ بىرلىدۇ.توت ئايغا توشمىغاندا بويدىن ئاجراپ كەتسە دوختۇرخانىنىڭ ئىسپاتىغا ئاساسەن 15كۇندىن 30 كۇنگىچە تۇغۇت دەم ئىلىشى بىرلىدۇ.توت ئايلىقتىن ئاشقاندا بويدىن ئاجراپ كەتسە 42كۇن تۇغۇت دەم ئىلشى بىرلىدۇ .
    2. تۇغۇت تولۇقلىمىسى

    خەتكۈچ: